تىزىملاتقان ئەزالىرىمىز

تىزىملاتقان ئەزالىرىمىز

مۇتەللىپ ئەلى ھاجى (ئەمچى)
مەغپىرەت ئابدۇۋەلى (بوزلار)
خەلپەت ھاجىم (ئەمىن)
ھەبىبۇللاجان (نۇرلۇق)
داۋۇتجان ھاجىم (ئاتامىراس)
بىلال مۇھەممەد (ئەلشىفا)
مۇھەممەد نىياز داموللا ھاجىم (ئەلھايات)
ئابدۇللاھ ھەكىم قەيسەرى (ئۇدۇن)
ئابدۇلقادىر قەشقەرى (داۋائى مىزاج)
خەيرىگۈل قاھىر (باش ئەگىم شىفا)
جەسسۇر مۇسا
رازىيە قەشقەرى (نۇرلۇق)
ئابلەت ئۇدۇن
خەدىچە قارلۇق
نۇرنىسا موللا
فاتىمە (پارلاق قۇياش)
قەلبىنۇر نىيازى
دەپنە خانىم
ئاسىيە ئابدۇقادىر لاسكوي
ئابدۇۋاھاب
سۇمەييە زەينۇر
ئابدۇراھمان بەرىكەت
ئۇمۇد نۇرى ئاتا مىراس تىبابەتچىلىكى
بۇسارە خېنىم
پاتىگۇل مۇھەممەت
ئەرافاتجان ئەمچى
زۇمرەت ھامۇت
ئامانگۈل تۇرسۇن
باھارگۈل زىياۋۇدۇن
مۇھەممەد ئىمىنجان دوختۇر (ھېكىمجان)
باھالار

ئىشلەتكۈچىللىرمىزنىڭ بەرگەن باھالىرى

ئۇيغۇرتىبابەت سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ھەرۋاقىت قوللايمەن
مۇتەللىپ ئەلى ھاجى (ئەمچى)
بىزدەك يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن
فاتىمە (پارلاق قۇياش)
بولسا ھەممىمىز بىرلىكتە ئاۋاز چىقىرىپ تېبابىتىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۇپ گۈللەندۈرسەك دەپ ئويلايمەن ھەممىڭلارغا رەھمەت
بىلال مۇھەممەد (ئەلشىفا)
بارچىڭلار بىلەن بۇ سىستېمىدا جەم بولغىنىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن
ھەبىبۇللاجان (نۇرلۇق)

دىگەن نېمە ؟ utbis

ئۇيغۇرتىبابەتچىلىكىنى ئاساس قىلغان نەچچە ئون مىڭلىغان تىبابەت ئۇچۇرلىرى ساقلانغان چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇرچە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدۇر : مەزكۇر پروگرامما سىستېمىدىكى تىبابەت ئۇستازلىرى ۋە ئەزالارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھەركۈنى ئاپتۇماتىك يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئەقلى ئىقتىدارلىق ساندان پروگراممىسى بولۇپ كەسىپنى يېتەكچى قىلىدىغان ھەل قىلىش چارىللىرى ۋە پرىنسىپلىرى بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئىشلىرىنىڭ قۇلايلىق بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ
سىستېما ھەققىدە

UTBIS دېگەن سۆز

< ئۇيغۇر تېبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى > دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇيغۇر تېبابەت سىستېما گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالارنىڭ كېچە- كۈندۈز جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى ۋە تېۋىپ ئۇستازلارنىڭ قاتتىق تەلەپ قۇيۇشى بىلەن پۈتۈنلەي يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرچە تىبابەت ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسى بولۇپ ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ تىز سۈرئەتتە بىلىم ئېلىش ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، دورىگەرلىك - داۋالاش تېمىسىدا ئىلمى ماقالە يېزىش ۋە بىرلىكتە تەجرىبە - تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ، ئۇيغۇر تىبابەت ئۇچۇرلىرىنى (خام دورا، پىششىق دورا، ئىلمى ماقالە، كىتاب- ژۇرنال، ئاۋازلىق ۋە سىنلىق ھەرخىل دەرسلىكلەر ۋە تېبابەتكە ئالاقىدار رەسىم قاتارلىق ئۇچۇرلارنى) تېز سۈرئەتتە ئىزدەشكە ياردەم بېرىش، ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى سىستېما ئەزالىرى بىلەن ئۆزئارا ئورتاقلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىردىنبىر ئۇيغۇرچە تور مەشغۇلات سۇپىسىدۇر .



مەقسىتىمىز: ئۆگىنىشنى قۇلايلاشتۇرۇش، ئۇچۇر ئىزدەشنى تېزلەشتۈرۈش، ئوقۇپ يېزىشنى ئەلالاشتۇرۇش، تېبابەت ساھەسىدىكى كەسىپداشلارنىڭ ئىلىم- مەرىپەت ساھەسىدە بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، تېبابىتىمىزنى ھازىرقى زامان بىلەن ماس قەدەمدە تەڭ تەرەققى قىلدۇرۇش، ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى ۋە دورا ئامبىرىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش، خەلقئارادا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىمىزنىڭ ئۆز رولىنى تېخىمۇ تۇلۇق جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ياش تىبابەت ۋارىسلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇشتىن ئىبارەت .


ئەسكەرتىش ! سىستېمىغا ئەزالىق ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلارنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى تولۇق ئوقۇپ چىقىشىنى ئەسكەرتىمىز .


مەزكۇر سىستېما كوللېكتىپ ئاساسىدا مەبلەغ سېلىنىپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى قائىدە- تۈزۈم ۋە بەلگىلىمىلەر سىستېمىدىكى ئۇستازلار ۋە بارلىق سىستېما ئەزالىرىنىڭ ئورتاق پىكىرلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى ئەزالارنىڭ بەلگىلەنگەن قائىدە- تۈزۈملەرگە تولۇق ئەمەل قىلىشىنى سورايمىز .


ئەزالىق تۈرلىرى :

ئۇستازلار ۋە سىناق ئەزالاردىن باشقا نورمال ئەزالار سىستېمىغا ھەق تۆلەپ ئەزا بولىدىغان بولۇپ، رەسمى ئەزا سۈپىتىدە سىستېمىغا كىرىپ

بولغاندىن كېيىن ئەزالىق ھېساباتىنى سېتىشقا، باشقىلارغا ئارىيەتكە بېرىشكە ۋە ئەزالىق ھەققىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ .


تېۋىپ ياكى دوختۇرلار ئۈچۈن — 3500 ₺

ئوقۇغۇچى ئەزالار ئۈچۈن — 2000 ₺


ئەزالىق ئىلتىماسى تەستىقلانغان ئەزالار سىستېمىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ .

ئوقۇغۇچى سالاھىيتىدىكى ئەزالار سىستېمىغا تۆۋەن باھادا تىزىملىتىدىغان بولۇپ، سىستېما دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى بولسا، شۇ ۋاقىتتىكى نورمال ئەزالارنىڭ باھاسى بويىچە كەم قالغان ھەقنى تاپشۇرۇپ ئەزالىق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .


سىستېمىنىڭ ئىچىدىكى ئۇچۇرلارنى قالايمىقان تارقىتىشقا، باشقىلارنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلىشقا، سىستېما ئەزالىرى بىلەن تالاش-تارتىش ۋە جېدەل ماجىرا چىقىرىشقا قەتئىي بولمايدۇ .


سىستېمىدىكى ئەزالار كوللېكتىپ ئېلىنغان بارلىق قارارلارغا تولۇق بويسۇنىدۇ .

ئەگەر بارلىق قائىدە- تۈزۈملەرگە تولۇق ئەمەل قىلىمەن ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىمزنىڭ يېڭىلىقلىرىدىن ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇستازلىرىمىز ياكى ئۇيغۇر تېبابەت سىستېمىسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ ئۆز كەسپىمنى تېخىمۇ مۈكەممەللەشتۇرەلەيمەن ۋە يېڭىلىيالايمەن ياكى مەنمۇ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئۈچۈن ئۆزنامىمدا بىركىشىلىك ھەسسەمنى قوشۇشنى خالايمەن ، دەپ قارىسىڭىز تۆۋەندىكى جەدۋەلنى توشقۇزۇپ ، ئۇيغۇرتېبابەت سىستېمىسىغا ئەزالىق ئىلتىماسىڭىزنى يوللىسىڭىز بولىدۇ .


ئۇيغۇر تېبابىتىنى بىرلىكتە گۈللەندۈرۈش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشتا بىز بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى دوستلارنىڭ ھازىردىن باشلاپ سېپىمىزگە قوشۇلۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز .


بىزبىلەن ئالاقە قىلىشتا ياكى سىستېمىغا تىزىملىتىشتا بىرە قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز بۇ ئۇلانمىنى بېسىڭ !